2018-يىلى1-ئاينىڭ22-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-01-22 11:46:04

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارا كۈمۈش باھاسى دۈشەنبە(1-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 17 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تاقىلىشى تۈرتكىسىدە، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلەپ، كۈمۈش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولغان. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە(1-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، دوللار بېسىمغا ئۇچراپ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋيىگە چۈشۈپ قالغان؛ شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى كىچىك نىسبەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ يۇقىرى باھا 17.12 دوللار ئەتراپىغا چىقتى؛ دۈشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم پىلان لايھەسىگە پۇل ئاجىرتىشنى قوللاشقا نىسبەتەن ئېلىپ باردىغان بىلەت تاشلاش نەتىجىسى.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.12-16.96 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ جۈمە كۈنى كۈندۈزدىكى بازاردا بىز كۈمۈش باھاسىنى 17-17.10 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16.90-16.80 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن، چۈشتىن كېيىن 17.10 ئەتراپىغا چىقىپ چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 17.05 ئەتراپىدا چىقىرۋالدۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 5 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 17.10 ۋە17.10 نىڭ يۇقىرىسىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17-16.90 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن، كەچ تەرەپتە سائەت 10:00 دىن بۇرۇن چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛
2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا كۈندۈزدىكى بازاردا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9813.15 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :17.40
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.