2018-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-01-17 11:07:18

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى چارشەنبە(1-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 17.20 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ سەيشەنبە(1-ئاينىڭ 16-كۈنى) دوللارنى بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى تۆۋەنلەپ 3 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا يۇقىرى ئۆرلىدى، شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ تۆۋەن باھا 16.77 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، لېكىن ئارقىدىنلا تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ 17.17 دوللار ئەتراپغا يېقىنلاشتى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى .
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.37-16.77 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ تۈنۈگۈن بىز ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 17.20 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، ئاسىيا بازىرىدا ئۆسۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى؛ چۈشتىن كېيىن ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 17.15-17.20 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.35-17.40 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز، زىيان نۇقتىسىنى 17 ئەتراپىغا تەڭشەيمىز دېگەن، تۆۋەن باھا 16.77 ئەتراپىغا چۈشۈپ زىيان نۇقتىسىدا كېسلىپ كەتتى، ئەگەر زىياننى تەڭشىمىگەنلەر بولسا قايتا 17.15 ئەتراپىغا چىققاندا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغانلار بولسا 15-20 نۇقتا زىيان شەكىللەنگەن بولدۇ؛ كەچلىك بازاردا كۈمۈش باھاسىنى 16.90-16.85 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىش مۇۋاپىق، زىيان نۇقتىسىنى 20نۇقتا ئەتراپىدا تەڭشەيمىز، ئۆسۈش مېلىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىپ سودا قىلىشنى خالايدىغانلار زىيان نۇقتىسىنى چوڭراق قىلىپ 20نۇقتا ئەتراپىدا تەڭشەپ 17.15-17.20 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالساق بولىدۇ دېگەن، لېكىن كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن تەھلىلدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا كۈندۈزدىكى بازاردا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9839.55 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :17
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.