2017-يىلى9-ئاينىڭ22-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

mukaram 2017-09-22 11:38:53

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى جۈمە(9-ئاينىڭ22-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ 17.04 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى، سەۋەبى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېرامىپ بىلەن چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئىن يەنە بىر قېتىم « ئېغىز زەمبىرەك » ئۇرۇشى قىلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋەر قىلىنىشىچە كېيىنكىسى تىنچ ئوكيان ۋودورود بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى بولۇشى مۇمكىن، بۇ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتنى ئۆرلىتىۋەتتى، پەيشەنبە(9-ئاينىڭ21-كۈنى) ئامېرىكا فېدىراتسىيىسى بۇ يىل يەنە ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى ھەمدە 10- ئايدا قىسقارتىش جەدۋىلىنىڭ باشلىنىدىغانلىدىن بىشارەت بەردى ، بۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسى ئۆرلەپ كۈمۈش باھاسى %1 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى شۇنداقلا سودا بازىرىدا بىر ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 16.80 دوللار بولدى ، جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ياۋرۇپا ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى .
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.پەيشەنبە كۈمۈش باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 16.81-17.35 دىكى باھاردا تەۋرىنىش بولدى ، تۈنۈگۈن ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 17.10-17.17 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 17 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز ، زىياننى 17.25ئەتراپىغا تەڭشەيمىز دېگەن ئېدۇق ،ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 17.10 ئەتراپىدىكى باھالاردا چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى ھەمدە ياۋرۇپا بازىرىدا 16.95 ئەتراپىدىكى باھالاردا چۈشۈش مىلىنى پايدا رايۇنىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى ، ياۋرۇپا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى 17.05 -17.15 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 16.90-16.83 گىچە كۆرىمىز ، زىياننى 17.25 ئەتراپىغا تەڭشەيمىز دېگەن ئېدۇق ، ياۋرۇپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى يۇقىرى 17 ئەتراپىدىكى باھالارغا چىقتى ھەمدە كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئىچىلغۇچە 16.85 ئەتراپىدىكى باھالارغا چۈشتى ، ئەگەر مۇشۇ بويىچە سودا ئىلىپ بارالىغان بولساق 15 نۇقتا پايدا شەكىللەندۈرگەن بولىمىز ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى 17-17.10 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 16.90-16.85-16.80 گىچە كۆرىمىز ، زىياننى 17.20 گە تەڭشەيمىز دېگەن ئېدۇق ، كەچلىك بازاردا كۈمۈش باھاسى چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ پايدا رايۇنىغا يەتمىدى ، تۈنۈگۈن ئومۇمەن كۈمۈش سودا تەھلىلىلىدىن ئومۇمەن 20 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى . قولىدا 17 ئەتراپىدىكى چۈشۈش مىلى بار خېرىدارلار بولسا بۈگۈن مۇۋاپىق پۇرسەتتە قولدىن چىقارساق بولىدۇ .

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ، يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلشنى ئاساس قىلىمىز، كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10106.00توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:17.15


مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.