2017-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

mukaram 2017-09-18 11:29:57

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى (9-ئاينىڭ18-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا چوڭ چۈشۈش شەكلىنىپ 17.50 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى ھەمدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 17.50 دوللاردىكى باھانى كۆرسەتتى، ئالدىنقى جۈمە(9-ئاينىڭ15-كۈنى) كۈمۈش باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ ئەڭ تۆۋەن 17.55 دوللارئەتىراپىدا بولدى، لېكىن ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەر قىممەت بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك چىقىپ مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلدى ، بۇ كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى چەكلەپ قويدى ، بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 9 - ئايدىكى پۇل سىياسىتى يىغىنى . گەرچە بۇ قىتىمقى يىغىندا سىرتتىكى كىشىلەر ئۆسۈم قوشمايدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا رەئىس يېلېننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنى قانداق چۈشەندۈرۈشگە دېققەت قىلىدۇ ،بۇنىڭدىن 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇشقا ئائىت يىپ ئۇچىغا ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 17.56-17.83 دىكى باھالاردا بولدى ، جۈمە ئەتىگەنلىك تەھلىلدە بىز كۈمۈشنى 17.60-17.70دىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى 17.90-18 گىچە كۆرىمىز ، زىياننى 17.50 دە تەڭشەيمىز دېگەن ئىدۇق ، ياۋرۇپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى17.68 ئەتراپىدىكى باھالار ئەتراپىدا تەۋرىنىپ ئۆسۈشكە ئىىلشقا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ پايدا رايۇنىغا يەتمىدى ھەمدە ياۋرۇپا بازىرىدا يۇقىرى 17.77 ئەتراپىدىكى باھالارغا چىقتى ، ئەگەر مۇشۇ باھالاردا ئۆسۈش مىلىنى چىقىرۋىتەلىگەن خىرىدارلار بولسا مۇۋاپىق پايدا ئالغان بولىمىز ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى 17.70-17.80 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 17.60 ئەتراپىدا كۆرىمىز دېگەن ئېدۇق ، كەچلىك بازاردا بۇ سودا پۇرسىتى بولمىدى . ئەگەر جۈمە ئەتىگەنلىك تەھلىل بويىچە ئۆسۈش مىلىنى چىقارمىغان خىرىدارلار بولسا بۈگۈن ئىز باھالىرىدا چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ .

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلشنى ئاساس قىلىمىز، كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10173.58توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 17.50


مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.