2017-يىلى8-ئاينىڭ17-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

karima 2017-08-17 11:02:21

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى پەيشەنبە(8-ئاينىڭ17-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا سودا بازىرىدا ئۆسۈشنى ئاساس قىلىپ ، ئەڭ يۇقىرى 17.18 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى، ھەمدە ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 17.25 دوللاردىكى باھالارغا يېقىنلاشتى. چارشەنبە كۈنى(8-ئاينىڭ16-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 7 - ئايدا يىغىن خاتىرىسى ئېيتقان سۆزى تىنچلىق پەرۋەلەر تەرەپكە مايىل بولدى،يەنە بىر قىسىم ئەزالار يەنە بىر قەدەم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ دوللار كۆرسەتكۈچى چۈشتى، كۈمۈش باھاسى تىز سۈرەتتە %3 ئۆسۈپ سودا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى 17.14 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى، پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلدىغىنى ياۋروپا رايونىنىڭ CPI ئۇچۇرى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. چارشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 17.13-16.61 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، چارشەنبە كۈنى كۈندۈزدىكى بازاردا بىز كۈمۈشنى 16.70-16.80 دىكى باھالاردا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 16.60 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 16.70 ئەتراپىدىكى باھالارغا چىقىپ بىزگە چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، ھەمدە ياۋرۇپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 16.61 ئەتراپىغا چۈشۈپ مالنى پايدىدا چىقىرىشقىمۇ پۇرسەت بەردى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق، ھەمدە كەچتە مۇھىم ئۇچۇر بولغانلىقتىن بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق. ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان بولساق 10 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا ئالغان بولىمىز.

2.بۈگۈن بىز كۈمۈشنى سودا قىلغاندا چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10445.33توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 16.80

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.