2017-يىلى8-ئاينىڭ11-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

karima 2017-08-11 10:40:20

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا بازىرىدا 17.10 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش قىلدى. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە چاۋشىيەن ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش پەيدا بولۇپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئاشتى ھەمدە ئامېرىكا PPI سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقىپ دوللار باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ دوللار باھاسى تۆۋەنلىدى، كۈمۈش باھاسى 1% يۇقىرى ئۆرلىدى، بازاردىكى يۇقىرى باھا 17.22 دوللارغا چىقىپ ئىككى ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ كىيىنكى قېتىملىق ھەركىتى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. پەيشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 17.22-16.80 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، پەيشەنبە كۈنى كۈندۈزدىكى بازاردا بىز كۈمۈشنى 16.90-17 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16.78 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز ، زىياننى 17.05 دە توختىتىمىز دېگەن ئىدۇق، گەرچە بىزگە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن پايدا رايونغا پۇرسەت بەرمەي باھا ئۆسۈپ مال زىيان نۇقتىسىدا چىقىپ كەتتى، مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان بولساق بۇ قېتىملىق سودىدىن 15-5 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان كۆرۈلگەن بولىدۇ؛ كەچلىك سودا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى بازار كۆزىتىپ 17 ئەتراپىدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرسە ئۆسۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەردۇق، كەچ تەرەپتىن باھا 17 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ بىزگە ئۆسۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، ھەمدە كەچ تەرەپتىن 17.20 ئەتراپىدىكى باھالارغا قايتا چىقتى ئەگەر مۇشۇ بويىچە پايدا زىيان نۇقتىسىنى بەلگىلەپ مال ئېلىشقا بۇيرۇق بېرىپ قويغان بولساق 20 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا كۆرۈلگەن بولىدۇ. تۈنۈگۈن كۈمۈشنىڭ بىر كۈنلۈك سودا بازىرىدا 15 نۇقتا زىيان 20 نۇقتا پايدا كۆرۈلدى.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10445.33 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.