2017-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-04-27 10:34:45

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (4-ئاينىڭ27-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1266 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە (4-ئاينىڭ26-كۈنى) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ باج ئىسلاھاتى توغىرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا زايوم نىسبىتى ۋە دوللار باھاسى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسى ئۆسكەن ھەمدە ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1270.77 دوللارغا چىققان. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ دەسلىپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ۋە چىداملىق بۇيۇملارنىڭ زاكاس بولۇش سانلىق دوكلاتى قاتارلىقلار.

مەشغۇلات باسقۇچى

1 . چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1270.7-1260.1 دوللار ئارلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1265-1270 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق ، 1265-1266 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1261 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1265 -1263 دوللاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1260 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 9-10 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1260
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.