2017-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-04-26 11:22:15

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە(4-ئاينىڭ26-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا چۇشۇپ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 1261.41 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. سەۋەبى، بازار فرانسىيەنىڭ بۇ قېتىم سايلانغان يېڭى زۇڭتۇڭىدىن ئەنسىرەش ھالىتى كۆرۈلگەن، بۇ پاي چېكى باھاسىنى ئۆرلىتىپ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى كۈچەيتكەن. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ باج ئىسلاھاتى پىلانى، ئەگەر بۇ پىلان كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە، ئالتۇن باھاسى ئۆرلىشىدە ئۈمۈد بار.

مەشغۇلات باسقۇچى

1 . سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1265.5-1277.7 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1270-1273 دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي، كەچقۇرۇن 1269 دوللار ۋە 1270 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا قولىدا مال يوق خېرىدارلار 1270 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە مال ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى بەلگىلىگەنلەر 1265 دوللاردا چىقاردى، بەلگىلىمىگەنلەر بولسا 1261 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق1-4 دوللارغىچە زىيان،5 دوللارغىچە پايدا بولغان بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1255
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.