2017-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-02-23 11:11:42

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن پەيشەنبە (2-ئاينىڭ 23-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1237 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە (2-ئاينىڭ22-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 1- ئايلىق يىغىنىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتتە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت دەپ قارىدى، 3 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلىدى، ھەمدە دوللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ، دوللارنىڭ باشقا پۇللارغا ئالمىشىشىنى ئاجىزلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇننىڭ باھاسى تۆۋەن نۇقتىدىن يەنە ئۆرلەپ 1240 دوللار ئەتراپىغا چىققان ، سىياسى ئېنىقسىزلىق ئەھۋاللىرى ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك تىرەكلىك ئېلىپ كەلدى. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1240-1231 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بىز تەھلىلدە 1232-1233 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، كۈندۇزى تەرەپتە ئەڭ تۆۋەن 1233.7دوللارغىچە چۈشۈپ پۇرسەت بەردى،ئەگەر مال ئالغانلار بولسا بۇنىڭ پايدىسىنى 1238-1240 دوللار ئەتراپىغىچە پايدا رايونىغا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشتىن كېيىن 1235-1237 دوللار ئارىلىقىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، دەسلەپتە پايدىسىنى 1240 دوللارغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق ئەڭ يۇقىرى 1240.5دوللارغىچە پۇرسەت بەردى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1232دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، پايدىسىنى 1238 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغانلار بولسا 15دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2.بۈگۈن سودا قىلغاندا كۈندۇزى تەرەپتە تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقدا بازار دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ، تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1245 1230
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.