2017-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-02-08 11:34:13

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن چارشەنبە (2-ئاينىڭ 8-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1230دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىدا بازار تەڭشەش ھالىتىدە بولدى، سەيشەنبە(2-ئاينىڭ7-كۈنى)ياۋرۇ گېرمانىيە سانائەت سانلىق مەلۇمات ئاجىز بولغانلىقى ۋە فرانسىيە چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى جىددىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە بېسىمغا ئۇچراپ، دوللار كۆرسەتكۈچ چوڭ دائىرىدە ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى بىراقلا 1228 دوللارغا چۈشكەن، بىراق بۇ چۈشۈش قىسقا مەزگىللىك بولۇپ كېيىن يەنە 1230 دوللارلىق سەۋىيىنى ياراتتى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ياۋرۇپا ئامېرىكىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ھەمدە دوللارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1235.8-1227دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تەھلىلدە 1230دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى كەچ تەرەپتە 1235دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، چۈش تەرەپتە 1233دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن بۇنىڭغا چىقىرىش پۇرسىتى بەرمىدى، زىياننى 1228دوللاردا توختاتتۇق، ئەگەر زىيان بەلگىلىمىگەنلەر 1235دوللاردا مالنى چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1227دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق، 5دوللار زىيان، 5دوللارغىچە پايدا بولغان بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا 1235.85-1240دوللار بولۇپ، ئاسىيا بازىرىدا 1235.85دوللاردىن ئېشىپ كېتەلەمدۇ يوق دىققەت قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك, تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1235.85

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.