2017-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-13 10:56:17

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە (1-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1192دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. پەيشەنبە(1-ئاينىڭ 12-كۈنى) دوللار پېرېۋوتقا ئالماشتۇرىدىغان باشقا پۇللار بىر ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ،ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا بىراقلا ئۆرلەپ يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 1207دوللارغا چىققان ، لېكىن دوللار كۆرسەتكۈچى قايتا ئۆرلەش تەسىرىدە ، ئالتۇن باھاسى ئاخىرىدا 1195دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا 12-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق ئۇچۇرى ۋە PPI قاتارلىق ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1207- 1190.8دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن ئەتتىگەنلىك تەھلىلدە1198- 1199دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1195-1193دوللار ئەتراپىدا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، بۈگۈن سەھەردە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشتىن كېيىن 1207دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1201دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى قايتا 1205 دوللار ئەتراپىغا چىققاندا چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1198-1196دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق كېچە تەرەپتە بۇ باھاغا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق، 20دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1185
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.