2016-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-10-25 10:57:19

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ‏25-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا1265 دوللار ئەتراپىدا تەڭشىلۋاتىدۇ. دۈشەنبە (‏10-ئاينىڭ‏25-كۈنى) نىيۇروك ۋاقىت بۆلىكىدە ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ ئەڭ يۇقىرىسى1272دوللارغا چىقتى، بىراق كەينىدىن ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي سانلىق قىممىتىنىڭ ياخشى چىقىشى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ قارچۇغا مەزھىپى تەرەپتە سۆزقىلىشى، ئۆسۈم قوشۇش كەيپىياتىنى يۇقىرلىتىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلاپ، ئالتۇن باھاسى 10دوللار چۈشتى، كۈنلۈك ئۈسۈش بولسا ئاخىردا چۈشۈشكە ئايلاندى. سەيشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق قىممىتىنىڭ ئىپادىسىگە ھەمدە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دېراجى نىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىشى كىرەك .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. دۈشەنبە كۈنىدىكى ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1260.5- 1272 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئومۇمەن سودا بازىرى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلغاندىن كىيىن ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلدى. تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە بىز1263 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1267 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق، شۇنداقلا 1267 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1263-1264 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق،كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1262 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1267 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق، 1272 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ 1264 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق. مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 21 دوللارغىچە پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا 1267 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىمىز، ئەگەر 1267 دوللاردىن ئېشىپ كېتەلىسە تۆنۆگۈنكىگە ئوخشاش 1272-1270 دوللاردىكى باھالار شەكىللىنىدۇ. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1266 , 1267

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.