2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-10-24 11:13:31

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە‏ كۈنى(10-ئاينىڭ24-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ، تۆۋەن نۇقتىسى 1263دوللارغا چۈشتى. ئالدىنقى جۈمە(10-ئاينىڭ21 -كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولدى، دوللارنىڭ ئۆسۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى، بىراق تۆت ھەپتىدىن بۇيانقى ھەپتىلىك ئۈسۈش بولدى. شۇنداقلا ئاسىيانىڭ تۆتىنچى پەسىللىك ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجنىڭ كۆپىيىشى ئالتۇن باھاسىغا تىرەش بولدى. بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىكGDP سى ۋە چىداملىق مەھسۇلاتلار زاپاس تالونى قاتارلىق مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلارغا ، يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇننىڭ بىر ھەپتىلىك تەۋرىنىشى 1250-1274 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئومۇمەن سودا بازىرىنىڭ يۆنىلىشى ئۆسۈشنى ئاساس قىلىپ، 1270 دىن يۇقىرى نۇقتىلاردىكى توسالغۇغا ئۇچرىدى. جۈمە كۈنى تەھلىل بويىچە بىز 1261 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1266 دوللار ئارىلىقىدا چىقاردۇق، 1268 دوللار ئەتراپىدىن يېنىك چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1263 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق. مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 10 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.جۈمە كۈنى قولىدىكى چۈشۈشنىڭ مىلىنى چىقارمىغانلار بولسا بۈگۈن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1267 دوللارغا چىقتى، سائەتلىك يۆنىلىشكە كەلگەندە تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى. بۈگۈن سودا قىلغاندا 1260-1262 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالساق بولىدۇ. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1270 , 1267

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.