2016-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-10-21 11:03:00

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن جۈمە‏(10-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 1265 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. پەيشەنبە‏(10-ئاينىڭ‏20-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق قىممىتىنىڭ ياخشى چىقىشى، ھەمدە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم سىياسىتى ۋەQE پىلانىنىڭ ئۆزگەرتمەسلىكى سەۋەپتىن، دوللار كۆرسەتكۈچى 7ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 1274 دوللاردىن 1264 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، ئالدىنقى ئۇدا ئۆسكەن ئۈچ كۈندىكى ئۆسۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار ياپۇنىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى خېيتىيەن دۇڭ يەن بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ۋىليەنمۇسنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىشى كىرەك.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنىدىكى ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1263.6-1274.5 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تەھلىل بويىچە ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندىن كىيىن1268 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1273 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1270-1271 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1274 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 9 دوللارغىچە پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلساق بولىدۇ. 1262 دوللار ئەتراپىدىن يېنىك ئۆسۈشكە ئالساق بولىدۇ. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1250 , 1260

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.