2016-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-10-19 10:45:46

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن چارشەنبە‏(10-ئاينىڭ‏19-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا داۋاملىق تۆنۈگۈن كەچتىكى كۈندىلىك يۇقىرى نۇقتا1264دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ،سەيشەنبە(10-ئاينىڭ18-كۈنى) دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ 7ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن كەينىگە قايتىشى سەۋەپلىك ،ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى كىچىك دائىرىدە ئۆسۈپ ئەڭ يۇقىرىسى ھەر ئۇنسىيە1264دوللارغا چىقتى.شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىنىڭ كىچىدە ئېلان قىلغان پۇل پاخاللىقى سانلىق ئۇچۇرى ياخشى چىقىپ،ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ12ئايدىكى ئۈسۈم قوشۇش پەرزىنى كۈچەيتتى،ھەمدە ئامېرىكا پېرزىدىنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە بولغان ئەنسىرەش ئاستىلاپ،ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ قويدى.چارشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق كەچتە ئېلان قىلىندىغان ئامېرىكىنىڭ سانلىق ئۇچۇر قىممىتىگە دىققەت قىلىشى كىرەك.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنىدىكى ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1256.4-1264.8 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تەھلىل بويىچە 1257 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1264 دوللارغىچە كۆردۇق، 1262 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1259 دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق.كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1258 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1263 دوللارغىچە كۆردۇق. مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 15 دوللارغىچە پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ.قولىدا ئۆسۈشنىڭ مېلى يوق خېرىدارلار 1262-1261 دوللار ئەتراپىدىن پۇرسەت بېرىپ قالسا مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئالساق بولىدۇ. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1270, 1265

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.