2016-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-10-14 11:25:04

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن جۈمە(‏‏‏10‏-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىردا داۋاملىق ھەر ئۇنسىيە 1258دوللارلىق كىچىك دائىرىدە تەۋرىنىش قىلدى.پەيشەنبە(‏‏‏10‏-ئاينىڭ 13-كۈنى) جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئەنسىرەشنىڭ كۈچىيشى،پايچىك بازىرى ۋە دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەپلىك،ئالتۇن شۇ كۈنى ئازراق يۇقرى باھادا بازا يېپىلدى.ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ ئەڭ يۇقرى باھاسى1262.65دوللارغا چىقتى.جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرى مۇھىم ئىش ۋەقەلەردىن ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ رەيىسى يېلۈن خانىم بىلەنFOMCنىڭ بىلەت تاشلاش ئەزاسىنىڭ سۆزىدە بولىشى،شۇنداقلا"خەتەرلىك سانلىق ئۇچۇر"دەپ ئاتالغان ئامېركىنىڭ پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتىگە دىققەت قىلشى كىېرەك.بۇلارنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1254.7-1262.3 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە 1258 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1260-1262 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، 1260دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1255 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا 1254 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1260 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق. مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 15 دوللارغىچە پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا 1263 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىمىز، چوڭ توسالغۇ بولسا يەنىلا 1265 دىگەن نۇقتىدا. سودا قىلغاندا تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1265 , 1249

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.