2016-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-09-23 12:11:46

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئاسىيا سودا بازىرىدا 1335 دوللار ئەتراپىدا كىچىك دائىرىدە چۈشكەن. پەيشەنبە9 -ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى، ھەمدە شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى ناچار چىقىشى، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى 1343.70 دوللارغا يېقىنلاشتى. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈش نىسبىتى 1337دوللار ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالدى. جۈمە كۈنى كەچتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىش نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سۆزى ھەم ئامېرىكا پات ئارىدا قانات يايدۇرىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇنازىرىدە بولىدۇ، شۇۋاقىتتا بازارنىڭ ئېنىقسىزلىقى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1331-1343.7 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە ئالتۇن باھاسى 1332 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1338 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1336 دوللاردىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1340 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، ھەمدە 1340 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالغان مالنى بۈگۈن 1335 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق، 15 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز. ئىلكان كاپىتالى

2. سودا قىلغاندا ئاۋال چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، ئاندىن چۈشۈشكە ئالساق بولىدۇ. تەپسىلى سودا مەشخۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1330 1320

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.