2016-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-09-22 12:05:12

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن پەيشەنبە (9- ئاينىڭ 22- كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپكى مەزگىلدە ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1330 دوللار ئۈستىدە داۋاملىق تۇراقلىق بولۇشنى ساقلىدى. چارشەنبە ئەتىگەندە ياپونىيە مەركىزى بانكىسى كۈتۈلمىگەن تەڭشەش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن دوللار / يېن زور دەرىجىدە چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسى 1308 دوللاردىن ئۆرلەپ 1320 دوللارغا چىقتى، ئارقىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆز قەرەلىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالدى، ئالتۇننىڭ باھاسى شۇ كۈنى نيۇ يورك ۋاقتىدا1.5% ئۆرلىدى، ھەمدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى 1336.95 دوللاردىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالغان بولسىمۇ لېكىن يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۇل سىياسىتىنى تارايتىش توغرۇلۇق كۈچلۈك بېشارەت بەردى. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا، ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ھاسىل بولغان ئۆي سېتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1308-1337 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1314 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ،پايدىسىنى 1318 دوللاردا مالنى چىقاردۇق، ھەمدە 1310 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1315 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغندىن كېيىن 1326 دوللاردىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1333دوللاردا مالنى چىقاردۇق، ئارلىقتا 1319 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالغان مالنى 1322دا چىقىرىپ تۇردۇق. مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق14 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز تەپسىلى سودا مەشخۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1337 1325

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.