2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-07-28 10:53:51

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1340 دوللاردىن تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدا تەۋرەندى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېلان قىلغان ئۆسۈم قارار نەتىجىسى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىپ، دوللار كۆرسەتكۈچ چوڭ دائىرىدە چۈشكەن، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئالتۇن باھاسى 1.5% يۇقىرى ئۆرلەپ 1342 دوللارغا چىققان. بۇندىن باشقا ئاخشام ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن تۆۋەن چىقىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى، ئامېرىكا 7-ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1315 - 1342 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە 1315-1317 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1328 دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن تەھلىل بويىچە 1323 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1338 دوللاردا مالنى چىقاردۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 12+15=27 دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.
ئالدىنقى ھەپتە بىز ئۇزۇن مەزگىللىك سودا تەھلىلىدە تۆۋەن نۇقتىدىن 1310 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ،بىر ھەپتىدىن كېيىن پايدىسىنى 1340 دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 30 دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1340-1339دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1333-1330 دوللاردىن يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا كۆرىمىز

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1340 1327

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.