2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-07-25 12:33:56

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ 1313 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىشى، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشكەن. بىراق ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيىدە يۈزبەرگەن كۆپ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تىرەكلىك رول كۆرسىتىشى مۇمكىن. دۈشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر ھەپتىلىك تەۋرىنىشى 1310 - 1338 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى تەھلىلدە 1321-1323 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى1326.5 دوللار ئەتراپىدا بىر قىسىم مالنى چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن تەھلىل بويىچە 1320 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1325 دوللاردا مالنى چىقاردۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 5+5=10دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1315 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1320 دوللار ئەتراپىدا كۆرىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1312 1325

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.