2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

karima 2016-06-27 11:32:01

\


ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 1.5% يۇقىرى ئۆرلەپ، 1335 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىپ، ئارقىدىن كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ 1330 دوللار ئەتراپىدا بولدى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئەنگىليەنىڭ ئاۋاز بېرىش ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ياۋرۇدىن چېكىنىش بولۇپ، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا كۈچلۈك تەۋرىنىش قوزغىدى، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇ كۈنى ئالتۇن باھاسى بىراقلا 8% يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەمدە 1358 دوللارغا چىقىپ ئىككى يىل ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. دۈشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى بىر قاتار ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگىليەنىڭ ياۋرۇدىن چېكىنىش ئىش- پائالىيەتلېرىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە 108 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، شۇ كۈنى بىز 50 دوللارغا يېقىن سودا پۇرسىتىنى تۇتۇپ قالدۇق يەنى 1330 دوللار ئەتراپىدا ئىككى قېتىم سودا قىلىشنى ھەمدە 1318 دوللار ئەتراپىدا بىر قېتىم چۈشۈشكە ئېلىش تەھلىل بېرىپ 50 دوللارغا يېقىن پايدا كۆردۇق، بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1327ئەتراپىغا چىققاندا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 1320-1317 گىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

1327 1317

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.