2016-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

karima 2016-06-24 11:07:38

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 2% تىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆرلەپ، 1285 دوللارغا چىقتى، ئەنگىليەنىڭ ياۋرۇدىن چېكىنىشكە بېلەت تاشلاشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدە ياۋرۇدىن چېكىنىشنى قوللاش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئارقىدىنلا بېلەت سانىنى ئېلان قىلغاندا ياۋرۇدا قېلىشنى قوللاش نىسبىتى تەدرىجىي ئېشىپ، ئالتۇن باھاسى قىسمەن ئۆسۈش دائىرسىنى قايتۇرۋېلىپ 1270 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. بۇنىڭدىن ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ياۋرۇدا قېلىشنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرىراق بولغانلىقتىن، ئالتۇن باھاسى بۇ ھەپتە ئۇدا 4 سودا كۈنى تۆۋەنلىدى، ھەمدە جۈمە كۈنى سەھەردە 1250 دوللارغا چۈشۈپ ئىككى ھەپتىدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى ئەنگىليەنىڭ ياۋرۇدىن چېكىنىشكە بېلەت تاشلاش ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.بۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھا 1308 دوللارغا چىقتى، تۈنۈگۈن 1260 ئەتراپىدا ئالغان ئۆسۈش مېلىنىڭ بىر قىىسمىنى 1265 ئەتراپىدا چىقىرىپ، قالغان قىسمىنى بۈگۈن سەھەر 1300 نىڭ يۇقىرىدا چىقاردۇق، بۇنىڭدىن 40 دوللار ئەتراپىدا پايدا قالدى.

بۈگۈن 1305-1302 ئەتراپتىن چۈشۈشكە ئېلىپ ،پايدىسنى 1295-1298 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

ئۇچۇر نەتىجىسىگە دىققەت قىلىمىز

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.