2015-02-25 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى

aliya 2015-02-25 13:32:06

\

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1229.9 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1236.84 دوللار، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1197.7 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1202.23 دوللار بولدى.
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى94.5دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1210دوللار بولدى.

ئاساسى ئانالىز

بۈگۈن ئاسىيا سودا ۋاقتىدا ، جۇڭگو بازىرى بايراملىق دەم ئېلىشتىن كېيىن نورمال ھالەتكە ئۆتتى ، ئاسىيا بازىرىدا ئېلان قىلىدىغان ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا سودا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دىكى ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنى . ئامېرىكا سودا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا يېڭى ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، EIA خام نېفىت زاپىسى سانلىق مەلۇماتى ، بۇسانلىق مەلۇمات خام نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆزگىرىش بولسا باشقا بازار يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى ، ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى بىرىنىجى قىتىم 1210 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە قىسقا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى1205-1201 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

2. چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى 1210 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.ئەگەر 1210 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1215-1220 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

3. يىقىنقى كۈنلەردە ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتا بىلەن 1190 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىپ تەۋرەنمەكتە ، ئالتۇن باھاسى بۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە 1220 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرالمىسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چۈشۈش يۆلىنىشىگە قايتىپ 1190 دوللار دىن 1160 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ئىزدەيدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1220-1225 ، ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190-1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1182 ، بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180 ، بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1220

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.