2019-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

ilkan_atigul 2019-02-11 11:14:08

\

ئاساسىي ئانالىز

بۇ ھەپتە چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى سودا ھەپتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ ئاساسىي يۈزى بارا - بارا تېخىمۇ جانلاندى. بۇ ھەپتە، بازار جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا مۇنازىرە ، يېڭى زېلاندىيە بىرلەشمە ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى ۋە ئامېرىكا پارچە سىتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بازارنىڭ تەۋرىنىشى شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپەيدى. ئالتۇن نۈۋەتتە 1310دوللار سەۋىيىدىكى مۇقىم تىرەشنى ساقلاۋاتىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلار 2019 - يىلى سىجىل ئالتۇننىڭ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تىرەشكە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى سودا كۈنىدە، مەبلەغ سالغۇچىلار دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە GDP قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار. سەيشەنبە كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بوۋمان سۆز قىلىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى 1315.63دوللار بىلەن 1307.60دوللار ئارىلىقىدا بولدى، ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇننى 1307-1308دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، ئۈسۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، ئۈسۈش ماللىرىنى ئەڭ يۇقىرى 1313ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ 1307-1308ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالغان ماللىرىنى چىقىرىشنى ئاساس قىلدۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 1312-1313دوللار ئەتراپىدىك باھالارغا پۇرسەت بەرسە ئۈسۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق، 1314ئەتراپىدا ئۈسۈشكە كىرسىمۇ بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق، ئارام ئىلىشىتىن بۇرۇن 1314ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالغان ماللارنى 1313ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 6دوللارغىچە پايدا ئالغان 1دوللارغىچە زىيان تارتقان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئالتۇننى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 1303 1308 1320

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.