2018-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-01-22 11:23:58

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە(1-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 1330 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تاقىلىشى تۈرتكىسىدە، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا تىرەكلىك رول كۆرسەتكەن. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە(1-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، دوللار بېسىمغا ئۇچراپ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ يۇقىرى باھا 1337.9دوللار ئەتراپىغا چىققان؛ دۈشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم پىلان لايىھىسىگە پۇل ئاجرىتىشنى قوللاشقا نىسبەتەن ئېلىپ بارىدىغان بىلەت تاشلاش نەتىجىسى.
مەشغۇلات باسقۇچى

1.جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1327دوللار بىلەن 1337دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى كۈندىزى تەرەپتە تەھلىل بويىچە 1335-1337دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنى 1334دوللار ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتتۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىلدە 1335-1337دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشۈشكە ئېلىش ئۈچۈن 1335دوللار ئەتراپىغا پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنىڭ بىر قىسمىنى 1332دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، قالغان بىر قىسىم ماللارنى 1333دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 6دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1335 1340

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.