2018-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-01-18 11:12:28

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 18-كۈنى)ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا چۈشۈش دائىرىسى كېڭىيىپ 1324دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن. چارشەنبە (1-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قوڭۇر تاشلىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى كۈچەيگەن، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى قاتتىق قوللۇق بايانىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى قايتا ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى ئىككى كۈنلۈك تۆۋەنلەش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۆۋەن باھا 1325دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا يېڭى ئۆيگە ئىش باشلاش ۋە دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.
مەشغۇلات باسقۇچى

1.چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1325دوللار بىلەن 1343دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا تەھلىلدە 1341-1342دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پايدىسىنى 1336-1337دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، 1341دوللاردىكى باھالاردا چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، ھەمدە پايدىسىنى 1336-1337دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق. ئارقىدىن قايتا تەھلىل بويىچە 1336دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى 1334دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، چۈشتىن كېيىن ياۋروپا سودا بازىرىدا تەھلىل بويىچە 1335دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالغان ماللارنى 1338دوللاردا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇنى 1335-1333ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، 1338-1340دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش تەھلىلىنى يوللىغان ئىدۇق، ئۆسۈشكە ئالغان ماللارنى كەچ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن 1336دوللاردىكى باھادا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، ساقلاشنى خالايدىغانلار 1338-1337دوللار ئەتراپىدىكى پايدا رايونىغا توغۇرلاپ قويۇشنى ئەسكەرتتۇق، بۇ باھالاردا كەچرەك پۇرسەت بەردى، چۈشۈشكە ئېلىشقىمۇ كەچرەك پۇرسەت بەردى، كەچ تەرەپتە تەھلىل بويىچە 1340-1338ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا، 1333-1335دوللاردىكى پايدا رايونىغا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 15دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1338 1314

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.