2017-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-09-19 11:23:08

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە(9- ئاينىڭ19-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا1307 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، دۈشەنبە(9- ئاينىڭ18-كۈنى) ئامېرىكا زايوم نىسبىتى ئۆرلەپ دوللارنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى پاي چېكى بازارلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا%1 ئەتراپىدا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بلەن ئالتۇن باھاسى 3 ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 1304 دوللارغا چۈشۈپ قالغان، سەيشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئىككى كۈنلۈك پۇل سىياسىتى يىغىن مەزمۇنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىننىڭ سۆزى، بۇ بەلكىم پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1319-1305دوللار ئارىلىقىدا بولدى،بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1315-1318 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ ماللارنىڭ زىيىنىنى بەلگىلىگەنلەر 1314 دوللاردا زىيانغا چىقىپ كەتتى، ياۋرۇپا بازىرىدا كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1312 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنىڭ بىر قىسىمنى 1310 دوللاردا، يەنە بىر قىسىمىنى 107 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 4 دوللارچە زىيان ،2-5 دوللارچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا ئۈسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىپ سودا قىلىشنى ئويلىشىمىز , ھەمدە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئويلىشىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1317 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.