2017-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-09-15 11:04:32

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(9-ئاينىڭ15-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1333.77 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، چۈنكى چاۋشىيەن بۈگۈن ئەتىگەن ياپونىيە دېڭىز بويىغا پارتلاتقۇچ بومبا قۇيۇپ بەردى. شۇڭا يەر شارى خاراكتېرلىك خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى قايتا ئۆرلىدى. پەيشەنبە(9- ئاينىڭ14-كۈنى)ئامېرىكىنىڭ CPI سانلىق دوكلاتى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ ، بىراق دوللار باھاسى ئۆرلىگەن. شۇ كۈنى چاۋشىيەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىگەن. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 8- ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق دوكلاتى، بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى توغرۇلۇق مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1315-1328 دوللار ئارلىىقدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1322-1325 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ ماللارنىڭ پايدىسىنى 1321-1318 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1324-1327 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ بىر قىسىم ماللارنىڭ پايدىسىنى 1322 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق. بىر قىسىم ماللارنى چىقىرارلمىغانلار 1330 دوللاردىكى زىيان نۇقتىسىدا كېسىلىپ كەتتى. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 8 دوللارچە پايدا، 6 دوللارچە زىيان بولغان بولىدۇ.

2 .بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىپ سودا قىلىشنى ئويلىشىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1320 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.