2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-08-17 10:49:16

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (8-ئاينىڭ17-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ 1289 دوللارغا چىققان. ھەمدە ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالغان. چارشەنبە(8-ئاينىڭ16-كۈنى)ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 7- ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىن مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك توغرىسىدا سۆز قىلغان، ھەمدە بىر نەچچە نەپەر ئەمەلدارلار ئۆسۈم قوشۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دوللارغا بىسىم ئېلىپ كېلىپ ،ئالتۇن باھاسى%1 ئۆرلەپ 1284 دوللاردىكى باھانى كۆرسەتكەن. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ياۋرۇپا رايونىنىڭ CPIسانلىق دوكلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى سانلىق دوكلاتى ئىپادىسى قاتارلىقلار.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1267-1275 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1273-1275 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،1273 دوللاردىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1270-1269 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1275-1272 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ ماللارنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي5 زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا زىياندا چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە بولغان بولساق 3-4 دوللارچە پايدا 5 دوللارچە زىيان بولغان بولىدۇ.

2 .بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندائۆرلىگەندىن كېيىين چۈشۈشكە، چۈشكەندىن كېيىن ئۆرلەشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1280 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.