2017-يىلى 8-ئاينىڭ10-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-08-10 10:54:17

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە(8-ئاينىڭ10-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1275 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە(8-ئاينىڭ9-كۈنى) ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ،خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى،ھەمدە ئالتۇن باھاسى% 1.5 ئۆسۈپ،8 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1278.85دوللاردىكى باھانى كۆرسەتتى.شۇنداقلا 3 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسكەن تاق سودا كۈنى بولۇپ قالدى، پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى يەنىلا ئامېرىكا چاۋشىيەن ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان PPI سانلىق دوكلاتى ۋە ئالدىنقى ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.


مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1252-1275 دوللار دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1265-1267 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى ياۋرۇپا بازىرىدا 1266 دوللاردىكى باھادا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق.ياۋرۇپا بازىرىدا 1269-1270 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق. بۇ مالنىڭ 1266دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدايېڭى تەھلىل يوللانمىدى، ناۋادا مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 4 پايدا ئالغان بولىمىز. ناۋادا بۇ ماللارنى پايدا رايونىدا چىقىرالماي زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا 5-4 دوللارچە زىيان بولغان بولدى.

2 .ئالتۇن باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1270 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.