بۇ ھەپتە پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى زور داۋالغۇشقا دۇچ كەلدى

rabigul 2017-07-19 18:25:50

\

FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تىرامىپنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسىگە بېلەت تاشلاش ۋاقتىنىڭ كۆپ قېتىم ئارقىغا سۈرۈلۈشىدىن كېيىن، بۇ ھەپتە يەنە يېڭى كرىزىسقا دۇچ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى داۋالىنىش لايىھىسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىد، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا رەھبىرى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىش ھەم ئالماشتۇرۇش تىرشچانلىقىدىن ۋاز كەچتى. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زور داۋالغۇشقا دۇچ كەلدى؛ دوللارمۇ بېسىمغا ئۇچراپ 95 دىكى چوڭ ئۆتكەلنى قولدىن بېرىپ قويدى، دوللاردىن باشقا ئاساسلىق پۇللار بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئامېرىكا پاي چېكى چۈشۈپ كەتتى، ھەم ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتىمۇ ھالقىلىق ئوتتۇرچە سىزىقنى قولدىن بېرىپ قويدى.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.