3-ئايلىق پۇل سىياسىتى قارارىدىن ئىلگىرى يېلىن مۇھىم سۆز قىلىدۇ

rabigul 2017-02-27 17:06:19

\

مۇشۇ جۈمە(3-ئاينىڭ 3- كۈنى) ۋال سترېت كوچىسى چوڭ بىر خەۋەرنى كۈتۈۋالىدۇ، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) رەئىسى يېلىن (Janet Yellen) شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە نۇتۇق ئېلان قىلىدۇ؛ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، يېلىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3 - ئايدىكى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىگەن فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ قالدۇ.

يېلىن نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بىر يېرىم ھەپتە داۋاملىشىدىغان " سۈكۈتتە تۇرۇش مەزگىلى " گە كىرىدۇ؛ 3-ئاينىڭ 14-15-كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ.

بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قارارىدىكى ئاتالمىش " سۈكۈتتە تۇرۇش مەزگىلى " نى باشلاش ۋاقتى ھەر قېتىمقى ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنىدىن ئىلگىرىكى كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى شەنبە كۈنىگە سۈرۈلىدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كۆزەتكۈچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 3 - ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىغا نىسبەتەن يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت.

چىكاگو تاۋار سودا مەركىزى(CME) نىڭ فېدېراتسىيە كۆزىتىش قورالى FedWatch Tool غا ئاساسەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر مۇنداق دەپ قارىدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى پەقەت % 22.

شۋېتسارىيە كرېدىت بانكىسى (Credit Suisse) مۇقىم پايدا تەتقىقات باش ئىقتىسادشۇناسىJames Sweeney مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر يېلىننىڭ نۇتۇق سۆزى ئارقىلىق 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئۆرلىسە، بازار بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر يېلىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قارارىدىن ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ئەڭ ئاخىرقى نۇتىقىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلسا، ئۇنداقتا 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ، دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا بانكىسى(Bank of America) باش ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى Ethan Harris مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نۆۋەتتە بىر - بىرىگە زىت يۈزلىنىش دۇچ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا 3-ئايدا ئۆسۈم قوشماسلىقى مۇمكىن. 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى قوللايدىغان سەۋەبلەر، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسىنىڭ قانداق چىقىشىغا باغلىق.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ،ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.