ئامېرىكا يېڭى مالىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا غايەت زور تەۋرىنىش پەيدا قىلدى

rabigul 2017-02-24 12:01:05

\

ئامېرىكا يېڭى مالىيە مىنىستىرى نۇرى چىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، بۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن " دوللار جارچىسى " نىڭ سۆزى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا غايەت زور تەۋرىنىش پەيدا قىلدى، بۇ نۇتۇق تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى بېسىمغا ئۇچراپ، ئالتۇن باھاسى تىرەشكە ئۇچراپ يۇقىرى ئۆرلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى. كېلەر ھەپتە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ، بۇ نۇتۇق پۇل مۇئامىلە بازىرىدا غايەت زور تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا يېڭى مالىيە مىنىستىرى نۇرى چىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، تىرامىپ ھۆكۈمىتى قوللانغان ھەر قانداق سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ بۇ يىل كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولدۇ. بۇ ئالدىنقى ئايدىكى باشقا سىياسەتپەرەس ئەمەلدارلار بىلدۈرگەن باھاسى بىلەن بىردەك، لېكىن بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىغاندا، بۇ ئەھۋال تىرامىپنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەدىسىنىڭ سالمىقىنى بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاخىرلاشتۇردى.

گېرمانىيە بانكىسى(Deutsche Bank) ئون دۆلەت گۇرۇھى(G10) پۇل تاكتىكا مەسئۇلى Alan Ruskin مۇنداق دېدى، نۇرى چىن قارماققا مالىيە سىياسىتى ۋە ئىقتىساد ئېشىش ئەھۋالىنىڭ ئۇزاق مەزگىللەرگىچە كەينىدە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك قىلاتتى. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى مالىيە سىياسىتىنى جانلاندۇرۇش بىلەن باج كېمەيتىشكە تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا " ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسىي ئۇل بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى ئۆستۈرىدۇ." Ruskin مۇنداق دېدى، " مېنىڭچە نۇرى چىن دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم گەپلەرنى قىلغان بولىشى مۇمكىن."

بۇنىڭدىن سىرت، نۇرى چىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئۇزاققىچە تۆۋەن ئورۇنلۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.

دوللارنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىشى تۈرتكىسىدە، نەق ئالتۇن باھاسى %1 ئەتىراپىدا ئۆرلەپ، بىر يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ،ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.