يېغىن خاتىرىسىدىن كېيىن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى

rabigul 2017-02-23 11:56:17

\

2-ئاينىڭ 22-كۈنى فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) ئامېرىكا 1-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا 1-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىن خاتىرىسىدە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەدبىر بەلگىلگۈچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىگە ئۇيغۇن بولسا، " ئىنتايىن تېز" يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تىرامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىقتىسادى پىلانىدا تەپسىلات كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا ئېنىقسىزلىق دەرىجىسى ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىن خاتىرىسىدە يەنە، ئىنتايىن كۆپ بېلەت تاشلاش ئەزالىرى، پەقەت بىر قەدەر تۆۋەن پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرى بار دەپ قارىدى، يەنە بەزى ئەزالار پۇل پاخاللىقىدا چېكىنىش خەۋپ - خەتىرى بار دەپ قارىدى. بۇ ئەھۋاللار دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە چېكىنىش خەۋپ-خەتىرى ئېلىپ، كېلىدۇ، بۇ خەۋپ-خەتەر مالىيەنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بازارنىڭ مۆلچەرى ئاساسىي جەھەتتىن كېچىكىپ ئۆسۈم قوشۇشقا يۈزلىنىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ۋە 6-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى تۆۋەنلەپ كەتتى؛ بۇنىڭ بىلەن دوللارنى بىر قاتار ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، تۆۋەن نۇقتىسى 101.17 ئەتىراپىغا چۈشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ،ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.