تىرامىپ ئۇچرىشىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا " دەھشەتلىك دولقۇن" قوزغىشى مۇمكىن

rabigul 2017-02-10 12:45:52

\

پۇل مۇئامىلە بازىرى يەنە بىر قېتىم تىرامىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھېس قىلدى. پەقەت تىرامىپنىڭ بىر ئېغىز سۆزى سەۋەبىدىن، بازار يەنە " ھەممە تەرەپتىن دولقۇن كۆتۈرۈلدى" . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ مۇنداق دېدى، نەچچە ھەپتە ئىچىدە باج سىياسىتى « چوڭ باياناتى » ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، پۇل مۇئامىلە بازىرى ئۈچۈن بىر قاينام-تاشقىنلىق ھېسابلىنىدۇ. تۈنۈگۈن دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەمما ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى بولسا چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. بۈگۈن بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى تىرامىپ بىلەن ئەنپىيجىنسەن ئۇچرىشىشى بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە سودا ۋە پېرېۋوت نىسبىتى مۇھىم تېما بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار پۇل مۇئامىلە بازىرىدا " دەھشەتلىك دولقۇن" قوزغىشى مۇمكىن.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ(Donald Trump)ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھۆكۈمەت " بىر قىسىم چوڭ باج تەدبىرلىرى" نى ئېلان قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى، " ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي باج سېلىقىنى تۆۋەنلىتىشى ئىنتايىن زور ئىش." لېكىن تىرامىپ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى تىلغا ئالمىدى.

تىرامىپ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا، چىقىمىنى كېڭەيتىش ۋە باجنى كېمەيتىش قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك مالىيە تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. لېكىن بۇ پىلاندا ئىزچىل تەپسىلات كەمچىل بولغاچقا، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار سەۋىرچانلىقنى تەدرىجىي يوقاتقان.

يۇقىرىدىكى باياندا كۆرسىتىلىشىچە دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللار / يېن ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى كۆرسەتتى. پەيشەنبە كۈنى نىيورىك بازىرى ئاخىرلىششىدا، ICE دوللار كۆرسەتكۈچى %0.4 ئۆرلەپ، يۇقىرى نۇقتىسى 100.64 كە يەتكەن.

BK مەبلەغ باشقۇرۇش (BK Asset Management) باش تاشقى پېرېۋوت تەھلىلچىسى Kathy Lien مۇنداق دېدى، تىرامىپنىڭ كەلگۈسى ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە " بىر قىسىم چوڭ باج تەدبىرلىرى" ئېلان قىلىنىشى توغرىسىدا ۋەدە قىلىشى تۈرتكىسىدە، دوللار، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە ئامېرىكا قەرزدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، تىرامىپ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە دوللار شىددەت بىلەن %5 يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى، شۇڭا يۇقىرىدىكى بايانلارنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھاياجانغا سېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ, ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.