كۈچلۈك دوللار 2017-يىلدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر

rabigul 2017-01-17 12:26:06

\

1-ئاينىڭ 16-كۈنى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سۇغۇرتا سودىگىرى گېرمانىيە بىرلەشمە گوئەن گۇرۇھى (Allianz) باش ئىقتىسادشۇناسى ئەيلىئەن (Mohamed A. El-Erian) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 2017-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۆزلىگەن مۆلچەردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار يەنىلا ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا 2017-يىلدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر بولسا دوللارنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى.

ئۇ يەنە شياڭگاڭ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە مۇنبىرىدە (Asian Financial Forum) مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، 2017-يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن 2016-يىلدىكى ئىقتىساد ئوخشاش، لېكىن 2017-يىلى يۇقىرى ئۆرلەش خەۋپ - خەتىرىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %3 تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %2.5-%3 كىچە بولدۇ.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، كۈچلۈك دوللار ئىقتىسادىي مۆلچەرلىنىشچە، دوللارغا تىرەش كۈچى بولدۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ 2017-يىلى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ نۆۋەتتىكى مۆلچەرى ئىككى قېتىم بولسىمۇ، دوللار تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى، دوللار تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلىسە، تېخىمۇ بەك كۈچلۈك بولدۇ، بۇ ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر؛ ئەگەر مۇشۇنداق بۇرۇنقى ئەھۋال يەنە بىر قېتىم يۈز بەرسە، يەنى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان دوللار پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا نىسبەتەن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، كۈچلۈك دوللار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپ - خەتىرىنى كۈچەيتىۋىتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا پايدىغا ئېرىشىش قەرز پۇل تەننەرخى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازاردىكى كارخانىلار زور مىقداردا دوللار قەرز ئالىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.