فوند ستېرلىڭنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى تەسىرىدە دوللار يۇقىرى ئۆرلىدى

rabigul 2017-01-16 17:47:42

\

2016-يىلدا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئۈچ چوڭ قارارى قاتارلىق بازار يۆنىلىشىدىكى ھالقىلىق " جەڭ" نى باشتىن كەچۈردى. ئەمما بۇ ھەپتە، بۇ ئۈچ چوڭ ۋەقە، " ئىككىنچى پەسلى" نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئىچىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە، فوندستېرلىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش خەۋپ-خەتىرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن سىرت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا كەلسەك، گەرچە بۇ ئىش ۋەقەلەر ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا 4 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت 1 قېتىملا ئۆسۈم قوشتى، شۈبھىسىزكى بۇ ئەھۋاللار سودىگەرلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم پۇل سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھالقىلىق سۆز قىلدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نۆۋەتتە تۈزگەن بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش لىنىيە خەرىتىسى، ئەڭ ئاخىردا يەنە ئىجىرا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى ئوخشاشلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

فوند ستېرلىڭنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، دوللار كۆرسەتكۈچى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى، خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى ياپونىيە يىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى، دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى ئىككى سودا كۈندىلا تۆۋەنلەپ 114 دىكى چوڭ ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، لوندوندا تۇرۇشلۇقJuckes بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان يىغىندا مۇنداق دېدى، ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنىڭ بىكار بولىشىغا ئەگىشىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئاز-تولا ئەسلىگە كەلدى، ئەمەلىي پايدىلىنىش نىسبىتى بىلەن پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.