ياۋروپا كېڭىشىشى تۈرتكىسىدە فوند ستېرلىڭ قايتىدىن ئۆرلىدى

rabigul 2016-10-14 12:26:13

\

10-ئاينىڭ 13-كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈزلۈكسىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تاللىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن فوند ستېرلىڭ تۆۋەن نۇقتىدا تەۋرىنىش ئېلپ باردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ تاكتىكا پىلانى ئاشكارا رەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يىرىكلىشىپ قالدى. ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ پارلامېنتتا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنىڭ 50 -ماددىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

ئارقىدىنلا فوند ستېرلىڭ " چاقماق تېزلىكىدە چۈشۈپ كەتكەن" بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى پارلامېنتتا 50- ماددا ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى، فوند ستېرلىڭ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قايتىدىن ئۆرلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ مۇرەسسەلەشمەسلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشتىن بېشارەت بەردى. لېكىن ئارقىدىنلا، ياۋروپا مىنىستىرى داۋىس مۇستەھكەم مەيدان كۆز قارىشىنى بايان قىلغاندا، كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش كېڭىشىنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پارلامېنت ئەمدى ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنىڭ 50 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بازار ئۈمىدسىزلەندى. مەبلەغ سالغۇچىلار نۆۋەتتە ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئارزۇسىغا پاش ئەگمەيدىغانلىقىغا ئىشەندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.