يىغىن خاتىرىسىدىن كېيىن دوللار قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى

rabigul 2016-10-13 12:11:38

\

تۈنۈگۈن تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ، يۇقىرى نۇقتىسى 98.04، تۆۋەن نۇقتىسى 97.42 ئەتىراپىدا بولۇپ، 97.97 ئەتىراپىدا بازار يېپىلدى؛

گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىلاپ كۈچىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى مۇستەھكەملەندى؛ Group سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال يۆنىلىشىدىن بېشارەت بېرىشىچە، سودىگەرلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 11-ئايدىكى پۇل سىياسىتى يىغىنىدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %11 ، 12-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %66 بولۇپ، دوللارنى بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى. ئەمما ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشىنىڭ يېنىكلىشى، فوند ستېرلىڭنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەزالارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز كۈچەيسە، " نىسپىي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە " ئۆسۈم قوشۇش كېرەك. يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دوللار كۆرسەتكۈچى دەسلەپتە تۆۋەنلەپ، ئارقىدىنلا يۇقىرى ئۆرلىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.