دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى

rabigul 2016-10-12 16:05:36

\

10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىپادىسى كۈچلۈك بولغان دوللار بېسىمغا دۇچ كەلدى، چۈنكى ئالدىنقى سودا كۈنى فوند ستېرلىڭ قۇتۇپ پەرقى يۈزلىنىشىدە قىسمەن يۇقىرى ئۆرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى بىر قېتىمدىلا 97.42 گە تۆۋەنلەپ كەتتى، ئالدىنقى سودا كۈنى 3-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 97.75 ئەتىراپىغا چىققان.

بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (Fed) ئەڭ تېز بولغاندىمۇ بۇ يىل ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە بولغان مۆلچەرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى؛ نۆۋەتتە بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقنى %70 مۆلچەرلىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ھىلارى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامىپنىڭ ئەل رايىنى قوللاش دەرىجىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىمۇ دوللارنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتىنىڭ (FOMC) بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان 9 -ئايلىق يىغىن خاتىرىسى، شۇنداقلا 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.