خەلق پۇلىنى SDR غا كىرگۈزۈش يېڭى دەۋرى ئېچىلدى

rabigul 2016-09-30 15:52:37

\

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلق پۇلىنىڭ رەسمىي SDR پۇل سېۋىتى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى مۇھىم نامايەندە. خەلق پۇلىنىڭ دەسلەپكى ئېغىرلىقى%10.92 بولۇپ، يېن ۋە فوند ستېرلىڭدىن ھالقىپ كەتتى، ھەم دوللار ۋە ياۋروغا ئەگىشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 - چوڭ زاپاس پۇل بولۇپ قالدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ SDR پۇل سېۋىتىگە كىرگۈزۈلۈشى كۈچلۈك سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMFجۇڭگوغا نىسبەتەن خەلقئارا سەھنىدە قەد كۆتۈردى، شۇنىڭدەك جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ ئەھۋال جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (Special Drawing Rights,SDR) ، بولسا IMF خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەت پۇلىنى ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان قەرز ھوقۇقى، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ IMF 1969 -يىلى تەسىس قىلىنغان تولۇقلىما خاراكتېرلىك خەلقئارا زاپاس مۈلكى. SDR ھەققى پۇل ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇل ئوبوروتى يېتىشمىگەندە سېۋەت ئىچىدىكى خالىغان بىر پۇلنى خەلقئارا كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭلۇقى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھۆكۈمەت زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇ يەنە " قەغەز ئالتۇن "دەپ ئاتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.