ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى ئاجىزلايدۇ

rabigul 2016-09-27 16:06:35

\

9-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى (Mario Draghi) نۇتۇق ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى داۋاملىق كىچىك دائىرىدە مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، لېكىن لېكىن ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى چوقۇم 6 - ئايدىكىدىن ئاجىز دەپ مۆلچەرلىدى؛ ياۋروپا رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، ئاساسلىقى ئىقتىساد مۇستەھكەم ئەمەس.

دېلاجى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن داۋاملىق كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى دۇنيا ۋە سىياسىي ئېنىقسىزلىققا ئىگە ئەۋرىشىملىك، بولۇپمۇ ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدى؛ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەڭ پۇل سىياسىتى مەيدانى داۋاملىق قەرەللىك ئەسلىگە كېلىش ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىدۇ.

دېلاجى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەھۋالىنىڭ دەسلەپكى تەسىرى كونترول قىلىندى، ئەنگلىيە بىلەن كېڭىشىشنىڭ ھەرقانداق نەتىجىسى بازارغا قاتناشقان بارلىق تەرەپلەر ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.