ئامېرىكىنىڭ يىغىن نەتىجىسى دوللار ۋە ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ

zumrat 2016-09-21 17:17:13

\

بۇ يىل 5-ئايدىن كېيىن دوللار ۋە ئامېرىكا پېيى ماس قەدەمدە ئۆرلەپ،دوللار كۆرسەتكۈچى91دىن 97گە ئۆرلىدى، ئامېرىكا سىزىقى 17300 نۇقتىدىن تارىختىكى يۇقىرى نۇقتا 18500 گە ئۆرلىدى،ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ باشقا ئىككى چوڭ سانلىق كۆرسەتكۈچىدىمۇ تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدى.ئەلۋەتتە ئامېرىكا پاي چېكى ۋە دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئامىلى بار، بىراق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا مۇقىملىشىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۆرلىشى بولسا ئۇنىڭ ئورتاق ئامىلى. بۇيىل بىرىنچى پەسىللىك يەرشارى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشتىن كېيىن، دوللار ۋە ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشىسى ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى ئاستىلاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈردى.ئىككىنچى پەسىلگە كەلگەندە يەر شارى پۇل-مۇئامىلە بازىرى بارغانسېرى مۇقىملىشىشقا قاراپ ماڭدى، ئامېرىكا ئىقتىسادى بىرىنچى پەسىلدىكى ھالەتتىن قۇتۇلدى، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى ئەسلىگە كەلمىدى، مەبلەغ ئاساسلىقى ئىقتىسادى ئىستىقبالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان دوللارغا قاراپ ئاقتى، شۇ سەۋەبتىن، دوللار ۋە ئامېرىكا پاي چېكى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىككىنچى پەسىلدىن باشلاپ مۇقىملىشىپ قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلاپ ، ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش.

ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇ دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن ھازىرقى باسقۇچتا ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشنىڭ پاي چېكى بازىرىغا بولغان تەسىرى ئاللىبۇرۇنلا بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۆسۈم قوشۇشتىن ئېلىپ كەلگەن بېسىمغا تاقابىل تۇرالايدۇ دېگەن مۆلچەرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قىسقا مەزگىللىك سىزىق پاي بازىرىغا يەنىلا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، لېكىن ئوتتۇرا مەزگىللىك سىزىق ياخشى ھالەتتە، بۇنداق بولغاندا ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى9-ئايدا ئۆسۈم قوشسا ،بۇ دوللار ۋە ئامېرىكا پاي بازىرىغا ئىجابىي قوللاش بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.