ئۆسۈم نىسبىتى قارارى دۇنيا بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى

rabigul 2016-09-21 11:46:40

\

بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سەھەردە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى پۈتكۈل دۇنيا بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بازار ئومۇميۈزلۈك بۇ قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم ئۆستۈرمەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، ئارقىدىنلا 02:30 دە، فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا نىسبەتەن بازار مۆلچەرى بىردەك ئەمەس. لېكىن، پېڭبو يېقىندا ئېلان قىلغان ئوبزوردا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى قەتئىي ئۆسۈم قوشۇشقا دەۋەت قىلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چوقۇم ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.