ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى فونىستېرلىڭنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن

gulbostan 2016-06-23 15:53:17

\

يەرشارى زايومى فوندى تىنچ ئوكيان مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتى فونىستېرلىڭ مەبلەغ سېلىش بىرلەشمىسى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى Mike Amey6-ئاينىڭ22-كۈنى ئەگەر ئەنگىليە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئارقىلىق ياۋرودىن چېكىنىشنى قارار قىلسا، فونىستېرلىڭ/دوللار بەلكىم 30يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، نۆۋەتتىكى 1.47دىن 1.30غىچە تۆۋەنلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى ئەنگىليە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېدى. ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش پۇقرالار ئاۋاز بېرىش سايلىمى بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت14:00دىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 05:00گىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.