ئەنگىليە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن نېمىنى تەلەپ قىلماقچى؟

karima 2016-06-16 19:03:31

\

كامېيلۇن ئەنگىليەنىڭ سۆھبەت شەرتلىرىنى تېخى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىسلاھات يۆنىلىشى بويىچە ئالغاندا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
1. ئەنگىليە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن ناھايتى زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قارشى تۇرىدۇ. 2. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلىرىنىڭ ئەنگىليەدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىق پاراۋانلىقىغا ئېرىشىشنى چەكلەيدۇ. 3. مەزكۇر دۆلەتنىڭ پارلامېنىت يىغىنىنىڭ يەنىمۇ چوڭ ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغاندا ياۋروپا ‏- ئتتىپاقىنىڭ قانۇن پەرمانلىرىنى چەكلەيدۇ. 4. يەككە بازار سىياسىتى ئۆزگىرىشنى غەيرىي ياۋرو رايونىدىكى ئەزا دۆلەتلەرگە زورلاپ تاڭمايدۇ.
5. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىنى قوللاش، ئەمما ئامالنىڭ بارىچە زور مىقداردىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 6. سودا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بريۇسسېلنىڭ ئاترۇقچە كاشىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئامېرىكا ۋە ئاسىيانىڭ يېڭى بازىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش. ياۋرودىن چېكىنىشنى قوللاشنىڭ سەۋەبى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ئارقا پۇتىنى سۆرەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەددىدىن ئارتۇق قائىدە تۈزۈملەرنى كۆپەيتىپ، ھەر يىلى نەچچە ئون مىليۇن فونىسدىرلىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا پايدىسى بەكلا ئاز. ئۇلار يەنە ئەنگىليەنىڭ چېگرا رايونلاردىكى تولۇق كونتىروللۇق ھوقوقىنى قايتۇرۋالماقچى بولغان بولۇپ، بۇ يەرەە كېلىپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى ئازايتماقچى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولسا كۆچۈش ئەركىنلىكى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە بېرىپ خىزمەت قىلغاندا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار يەنە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان زىچ ئىتتىپاقلىشىش ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتتپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى قۇرۇش مەقسات قىلىنغان.
ياۋرودا داۋاملىق قېلىشنى قوللاشنىڭ سەۋەبى: قوللىغۇچىلار شۇنى جەزملەشتۈردىكى، ياۋرروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئورنى ئەنگىليەگە نىسبەتەن ناھايتى زور تۈرتكىلىك رول ئويناپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات سېتىشنى تېخىمۇ ئاسان قىلىدۇ. ئۇلار يەنە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كۆچمەن بولۇپ خىزمەت قىلىپ ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىغا ياردەم بېرىش ئويى بار دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە ياۋرودىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ئەنگىليەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورنى بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.