ھاۋالە كەسپى يېقىندا ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

rabigul 2015-12-09 18:44:50

\

2015-يىلى، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۆۋەنلىدى، تىجارەت گۈللىنىش دەرىجىسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، سۈپەتلىك مۈلۈك تېپىش تەس قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ھاۋالە كەسپى مۈلۈك كۆلىمى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىشنى كۈتۈۋالدى. ھاۋالە كەسپىدە، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش مۇھىتى ئاستىدا، كۆپ ساندىكى ھاۋالە شىركىتى پائال ئاچقان يېڭى كەسپى ئىلگىرى يىرىك ئىشلىگەن بىر خىللا ئۆسۈش مودېلىنى ئۆزگەرتىدۇ.

جۇڭگو ھاۋالە كەسپىي جەمئىيىتى يېقىندا « 2015 - يىلى 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكى ھاۋالە شىركىتى ئاساسلىق كەسپىي سانلىق مەلۇماتى » نى ئېلان قىلغان، ھاۋالە مۈلۈك كۆلىمى، ئۆزىگە خاس مۈلۈك كۆلىمى، ھاۋالە فوندنىڭ ھەرقايسى پايدا كۆرسەتكۈچى ئۈچ پەسىلدە زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى.

ھاۋالە كەسپى مۈلۈك كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە نىسبەتەن، باش تەھلىلچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىر تەرەپتىن، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەمەلىي گەۋدە كارخانا تىجارەت كاساتچىلىق ھاۋالە كەسپىدە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋالە كەسپى ئۆزىمۇ بازار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەبلەغ پىشاڭىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق 2015-يىلى كەسپىي ئېشىش مىقدارىنى ئازايتتى، بۇ يىل 1-2-پەسىلدە تارقاتقان ھاۋالە مەھسۇلاتى ئۈچ پەسىلدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېنىقلاش ئارقىلىق مەيداندىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

ھاۋالە شىركىتى يەككە تىجارەت كەسپىنىڭ بىر مۇھىم كىرىم مەنبەسى ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش، 6ئايدىن بۇيان، پاي چېكى بازىرى كۈچلۈك تەۋرىنىۋاتىدۇ، ئاكسىيە بازار تەۋرىشى ۋە بىر قاتار مەبلەغ ئېنىقلاش ھەرىكىتى، ئاكسىيىگە مەبلەغ سېلىش تۈرىگە نىسبەتەن خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.