بۈگۈن كەچ ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى پەسللىكGDP قىممىتى ئېلان قىلىندۇ

parida 2019-04-26 11:51:16

\

جۈمە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا، ICE ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىلا مۇقىم ھالەتتە 98.20نىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۈزلىنىشدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ ۋاقتى بۇگۈن كەچ ئامېرىكا بىرىنچى پەسللىكGDP ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىدىن ئىبارەت مۇھىم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدۇ. گەرچە سىرتقا قارىتا GDPئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ، مۇبادا سانلىق ئۇچۇلار مۆلچەردىكىدەك ياخشى چىقماي قالسا، بەلكىم ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىدە قايتا تەڭشىلىش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ چاغدا ئالتۇن باھاسى قايتىدىن جانلىنىشقا ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇنىڭىدىن باشقا ، ئەگەر GDPئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى سانلىق ئۇچۇرلىرى ئاجىزلاشسا، بۇ ئىخل ئەھۋال ئوخشاشلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا بولغان ئەنىدىشىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئوخشاشلا بازاردا ئالتۇن سېتىۋېلىشقا پايدىلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىندىكەن. بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 20:30دا، ئامېرىكا بىرىنچى پەسسلىك دۆلەت ئىچكى ئشىلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى (GDP)نىڭ دەسلەپكى قىممىتى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ھەپتىدىكى دىققەت قىلىندىغان ئەڭ مۇھىم سانلىق ئۇچۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چىكاگو R J O F u t u r e s يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تاكتىكىچىسىB o b H a b e r c o r n مۇنداق دېدى : « ھەر بىر ئادەم جۈمە كۈنىدىكى G D P سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاۋايدۇ، ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ، شۇنداقلا ئالتۇننىڭ يۈزلىنىشنىڭ قانداق بولۇشى مۇشۇ سانلىق مەلۇماتقا باغلىق»

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.