ياۋرونىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەبلەر

rabigul 2019-01-25 17:50:58

\

1-ئاينىڭ 24-كۈنى ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ، ياۋرو \ دوللار 12 -ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى ئۆسۈم قوشماسلىق توغرىسىدا سۆز قىلىشى بىلەن ياۋرو بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئارقىدىنلا قايتا ئۆرلىدى. ئەمما ئاق ساراي ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر لەر تەسىرىدە ياۋرو يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى؛ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يۇقىرىقى خەۋەرلەرنىڭ ياۋرو بولغان پايدىسىز تەسىرى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە داۋاملىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقى خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىدە، ياۋرو \ دوللار قىسقا ۋاقىت 30 نۇقتىدىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ 1.13 دىكى ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، پۇل پاخاللىقى نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىدە ئاستىلاپ قالدى. لېكىن ئەمگەك كۈچى تەننەرخى دۇچ كەلگەن بېسىم چوڭ، مۆلچەرلىنىشىچە ئوتتۇرا مەزگىل ئىچىدە يوشۇرۇن پۇل پاخاللىقى ئۆستى. ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىشەنچىسى بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.