ئىقتىسادشۇناس؛ تىرامىپ يەنە پۇل قىممىتى چۈشۈرۈش ئويۇنى ئوينىدى

rabigul 2018-04-18 16:24:15

\

saxoبانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى Steen Jakobsen مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دوللارنىڭ قىممىتى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈشى مۇمكىن، دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى بەلكىم 88 دىكى ئۆتكەلدە تەۋرىنىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى؛ جوڭگۇ ۋە رۇسيە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ « پۇل قىممىتى چۈشۈرۈش ئويۇنى» ئوينىدى، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دىدى.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تىرامىپنىڭ جۇڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەيىپلىشىنىڭ يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا قىلچە ئەھمىيىتى يوق، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى توختىماي ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تىرامىپ دوللارنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تىرامىپ 2017-يىلى1-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، دوللارنىڭ باشقا پۇللارغا بولغان ئالماشتۇرۇش نىسبىتى چۈشۈپ كەتتى.
تىرامىپ بايانات ئىلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، Steen Jakobsen ئوخشاش ماقالە ئىلان قىلىپ، دوللارنىڭ چۈشۈشىگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دىدى؛ « دوللار يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشەمدۇ؟ بىزنىڭ قارىشىمىزچە شۇنداق».
Jakobsen ئۆزىنىڭ دوللارنىڭ چۈشۈشىگە بولغان 3 خىل كۆز قارىشىنى بىلدۈردى؛ 1.تىرامىپ پۇل قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئويۇنىنى يەنە باشلىدى 2. دوللارنىڭ يەرشارلىششى تېزلەشتى 3. دوللار كۆرسەتكۈچى تېخنىكا يۈزى جەھەتتە قارشى يۆنىلىشكە ئۆزگەردى، كىيىنكى نىشانى 88 .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.